شى جىنپىڭ فىلىپ ئالتىنچىنىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن مادرىدتا ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ ئالتىنچى ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق، كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

قىش كۈنىدىكى مادرىدنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، قۇياش نورى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك، كەڭ مەيداندا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. 

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۇەن خان جەمەتىنىڭ مۇراسىم ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، مۇراسىم كىيىمى كىيگەن، ئات مىنگەن ئىسپانىيە خان جەمەتى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە مەيدانغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، داقى-دۇمباق چېلىندى. پادىشاھ ئالتىنچى بىلەن خانىش لىتىزىيا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، ئۆز-ئارا ئەھۋال سوراشتى. فىلىپ ئالتىنچى شى جىنپىڭغا خان جەمەتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرەك مۇنبىرىگە چىقتى. 21 پاي ھۆرمەت توپى ساداسى ئىچىدە، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇندىدى.

ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

شى جىنپىڭ پادىشاھ فىلىپ ئالتىنچىنىڭ ھەمراھلىقىدا، پىيادە ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى، ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى ۋە موتوسىكلىت ئەترىتىنى تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئىسپانىيە تەرەپتىن ھەمراھ بولغان خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پادىشاھ فىلىپ ئالتىنچى جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولغانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى كۆرەك سۇپىسىغا قايتىپ، پاراتنى كۆردى. موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، رەتلىك تىزىلغان ھەربىي ئوركېستىر، جاسارەتلىك پىيادە ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى، ھەيۋەتلىك ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى تەرتىپ بويىچە كۆرەك سۇپىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.

مادرىد خان سارىيى سىرتىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە «رەئىس شى جىنپىڭنى قارشى ئالىمىز» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى. شۇ يەردىكى ئامما ۋە ئىسپانىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار، ئىسپانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى. 

ئالدىنقى ساندىكى نادىر مەزمۇنلار:

شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

شى جىنپىڭ سىياسىي بىيۇرونىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جاڭجياكودا پارتلاش يۈز بېرىپ، 22 ئادەم قازا قىلدى


监制: 库尔班妮莎

审稿: 库尔班妮莎

翻译: 古再丽

制作: 米克丽古丽

www.uycnr.com